ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي تەھدىتىگە قارشى ئىستراتېگىيەسىنى ئېنىق بېكىتىشىنى تەلەپ قىلغان

«فوكس» تېلېۋىزىيەسىنىڭ 2-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزالىرى 2-فېۋرال كۈنى بايدىن ھۆكۈمىتىدىن خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى ئىستراتېگىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ۋە ئېنىق بېكىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «خىتاي ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى بارغانسېرى ئاجىزلىتىۋاتىدۇ،» دېگەن.

بايدىن ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان تەلەپنامىدە مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جاسۇسلۇق ۋە ھەربىي كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاپ يۈرەكلىك بىلەن خۇسۇسىي كارخانىلارنى قوراللاندۇرۇۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز. ئۇلار ئامېرىكا خەلقى ۋە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئوغرىلاپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ھالقىلىق تېخنىكا ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا بازىرىنى ئىگىلەشكە ۋە پات ئارىدا خەلقئارا سەھنىدە يېتەكچى بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دۆلەت بىخەتەرلىكى كومىتېتى خىتاينىڭ ھەددىدىن ئاشقان قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز يېڭى ھۆكۈمەت بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. پەقەت قۇرۇق گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلمايدىغانلار ئاخىرىدا ئېغىر بەدەل تۆلەپ قالىدۇ. شۇڭا بىزگە خىتايغا قارشى تۇرىدىغان پىلانىڭلارنى تەمىنلەپ بېرىڭلار.»