ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرىغا خىتايغا قارشى قانۇن لايىھەسى تۈزۈش يوليورۇقى بېرىلگەن

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 23-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى دېموكراتلار پارتىيەسى رەھبىرى چاك شۇمېر (Chuck Schumer) كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى قانۇن لايىھەسى تۈزۈش يوليورۇقى بەرگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئىككى پارتىيەنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق قول بولۇشتەك پرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پەن-تېخنىكىدىكى يېتەكچى ئورنىنى قوغداش ۋە خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان تەڭسىز سودىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چاك شۇمېر كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا، جۈملىدىن دۆلەت مەجلىسىدىكى ھەر قايسى كومىتېت ئەزالىرىغا ھاۋالە قىلغان بۇ ۋەزىپە ئامېرىكانىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك نىشانى بولۇپ، ئامېرىكانىڭ 1000 مىليارد دوللار ئاجرىتىپ، سۈنئىي ئەقىل، كۋانتلىق ھېسابلاش ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ھالقىلىق تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ رىقابەتتە خىتاينى مەغلۇب قىلىش ۋە ئامېرىكىغا يېڭى خىزمەت پۇرسىتى يارىتىش مەقسەت قىلىنىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايغا قارشى كۈچلۈك مەيداندا تۇرۇۋاتقان جۇمھۇرىيەتچىلەر بايدىن ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ، ئۇنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاتتىق قول بولۇشىنى تەلەپ قىلغان. بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ سىياسىتىگە قايتىدىن قاراپ چىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتايغا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قارشى تۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.