فىرانسىيە بىلەن ئاۋسترالىيە خىتاينى خەلقئارا نىزاملار بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.05.02

ئاۋسترالىيەدە 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇۋاتقان فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرۇن خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى خەلقئارا قانۇن-نىزاملار دائىرىسىدە داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ ھىندى ئوكيان بىلەن تىنچ ئوكياندا يېگانە مونوپوللۇق خىيالىدا بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ماكرون يۇقىرىقى سۆزلەرنى بۈگۈن، يەنى چارشەنبە كۈنى سىدنېيدا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى تارنبۇل بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، مۇخبىرلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سوئالىغا ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى تۇرنبۇلمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جاۋاب بەرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىمىز، ئەمما ئۇنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە نىزاملار بويىچە ئىش تۇتۇشىدىمۇ داۋاملىق چىڭ تۇرىمىز.»

ھەر ئىككى دۆلەت رەھبىرى رايوندا كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ساقلىنىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ماكرون يۇقىرىقى سۆزلىرىنى فىرانسىيەنىڭ تىنچ ئوكياندىكى تېررىتورىيەسى بولغان يېڭى كالىدونىيەگە سەپەر قىلىشنىڭ ئالدىدا بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئالدىدا خەلقئارا خەۋەرلەردە خىتاينىڭ يېڭى كالىدونىيەگە يېقىن بولغان ۋاناتۇ ئارىلىدا ھەربىي بازا قۇرماقچى بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان، ئەمما خىتاي بۇنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.