500 نەپەر داڭدار شەخسنىڭ خىتايغا قارشى بىرلەشمە مەكتۇپى ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا سۇنۇلغان

«يېرۇسالېم پوچتىسى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 500 نەپەر سابىق پارلامېنت ئەزاسى، ئالىملار، سەنئەتكارلار ۋە باشقا داڭلىق ئەربابلار ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابى ئەشكىنازىغا بىرلەشمە مەكتۇپ سۇنۇپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ئېنىق مەيدانىنى بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر مەكتۇپتا كورونا ۋىرۇسى ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ۋىرۇسنى يوشۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، بۇ ۋىرۇسنىڭ پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا، دۇنياغا، جۈملىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان سالدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ پۈتۈن دۇنياغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۆكۈمەتتۇر.»

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ مەكتۇپنى سۇنۇشقا ئىسرائىلىيەدىكى فالۇنگۇڭ تەرەپدارلىرى تۈرتكە بولغان بولغان ئىكەن. مەكتۇپتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ فالۇنگۇڭچىلارنى قانداق باستۇرغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى قانداق سۇغۇرۇپ ئالغانلىقى دېگەندەك جىنايەتلەر تىلغا ئېلىنغان.

مەكتۇپتا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە خىتابەن مۇنداق دېيىلگەن: «قورقۇنچلۇق قىرغىنچىلىق ئاياغلاشقاندىن كېيىن قۇرۇلغان ھەمدە بۇنداق جىنايەت ‹ئەمدى قايتا يۈز بەرمەيدۇ› دەپ جاكارلىغان ئىسرائىلىيە دۆلىتى بۈگۈنكى بۇ مەسىلىدە ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى يۈكسەلدۈرۈشى كېرەك. مەلۇم سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتلەر تۈپەيلىدىن سۈكۈت ساقلاشنى توغرا چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئەمما بىزنىڭچە، ھەر قانداق ئالىي مەنپەئەتنى دەپ يەھۇدىيلارنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.»

مەكتۇپتا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ ئىكەنلىكى، شۇڭا ئىسرائىلىيەنىڭ مەيدانىنى چوقۇم ئوچۇق قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.