ھىللارىي كىلىنتون خانىم ئاۋسترالىيەنى خىتايغا بويۇن ئەگمەسلىككە چاقىردى

ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون خانىم ئاۋسترالىيەنى خىتايغا بويۇن ئەگمەسلىككە چاقىردى.

ئاۋسترالىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىللارىي خانىم پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيەدىكى بىر يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ئۆزىنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاۋسترالىيەنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدىكى دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئاۋسترالىيە بۇنىڭغا قەتئىي بويۇن ئەگمەي، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوغدىشى كېرەك.»

ھىللارىي خانىم يەنە مۇنداق دېگەن: «سىلەر ھەرگىز بۇنىڭغا يول قويماسلىقىڭلار كېرەك. چۈنكى خىتاي تولىمۇ يوشۇرۇن بىر خەۋپ. ئۇ دېموكراتىيەنىڭ ئاساسلىرىنى ئاستا-ئاستا يەيدۇ ۋە ئارىدا ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر سىلەر بۇ يەردە سىياسەتچىلەرنى سېتىۋالىدىغان ياكى باشقا رەزىل ئۇسۇللارنى ئىشقا سېلىۋاتقان بىر يوشۇرۇن قول باردەك ھېس قىلىۋاتقان بولساڭلار، دېمەك ئۇ خىتاينىڭ دېموكراتىك بىر جەمئىيەتنى بۇزۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆز مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغدىشى تولىمۇ زۆرۈر.»

ھىللارىي كىلىنتون خانىم يەنە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى دەرھال كۈچەيتىپ، ئاۋسترالىيە قاتارلىق تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىتكە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي ھەققىدە نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزىلەر ئېلان قىلىنماقتا. بۇ مۇلاھىزىلەردە خىتاينىڭ ھازىر ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەرگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارىتا جىددىي تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.