ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تىنچ ئوكياندا خىتايغا تاقابىل تۇرۇشىغا 6 مىليارد دوللار ئاجراتقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-06-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى 11-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن 6 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە ھەربىي خام چوت ئاجرىتىشنى ماقۇللىغان. «مۇداپىئە خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، خىتايغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ ھەربىي خام چوت لايىھە رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشقا بىر قەدەم يېقىنشلاشقان. 6 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە ھەربىي خام چوت ئاجرىتىش توغرىسىدىكى بۇ لايىھە ئامېرىكانىڭ 2021-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خام چوت ھوقۇقى قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن.

كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ قوشۇمچە ھەربىي فۇندىنىڭ 2021-يىللىق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خام چوت ھوقۇقى قانۇنىدا ئورۇن ئېلىشى «ئامېرىكانىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا خىتاي كومپارتىيەسىگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال» ئىكەن. ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ھۆججىتىدە، بۇ لايىھە «نىشاننىڭ ھەربىي ئىقتىداردىكى ئاچقۇچلۇق پەرقلەرگە مەركەزلىشىپ، ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداش ۋە شېرىكلىرىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. ئۇنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەھدىت سېلىش كۈچىگە بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرىدۇ» دېيىلگەن.

كېڭەش پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ 2021-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خام چوت ھوقۇقى قانۇنىنى ماقۇللاپ، كېلەر يىللىق ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى 740 مىليارد 500 مىليون دوللارغا چىقارغان. مەزكۇر مۇداپىئە خام چوتى قانۇنى خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقان، بۇ رايوندىكى ئاراللاردا ھەربىي بازىلارنى قۇرۇپ، پۈتكۈل جەنۇبىي دېڭىزدا ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىۋاتقان، ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقى، ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا جىددىي تەھدىت سېلىۋاتقان مەزگىلدە ماقۇللاندى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت