ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيەلەردە خىتاي ياكى خىتاي تىللىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا
2019.04.11
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيەسى، يەنى بىڭتۇەن ئۆزىنىڭ تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىغا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئادەم قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېلان چىقارغان.
جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر رايونلۇق بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 5 نەپەر مۇئاۋىن ئىشخانا باشقارما دەرىجىلىك خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقى جاكارلىغان.
بۇندىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلار بىر قەدەر زىچ ئولتۇراقلاشقان چەرچەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە چەرچەندىكى تور-ئۇچۇر چەكلىك شىركىتى ۋە تېببىي دورا شىركىتى قاتارلىق 4 ئورۇنغا ئادەم قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بېرىلگەن. بۇ ئۇقتۇرۇشلارنىڭ بەزىلىرىدە قوبۇل قىلىنىدىغانلارغا ئېنىق قىلىپ خىتاي مىللىتىدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى يېزىلغان. مىللەت چەكلىمىسى قويۇلمىغانلىرىغا «قوبۇل قىلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت نامزاتلىرى دۆلەت تىلىنى مۇكەممەل بىلىشى كېرەك» دېگەن شەرت قوشۇلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسىي ناھىيەلەرنىڭ تور بەتلىرىدە يېقىندىن بۇيان خىتاي مىقياسىدىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرى كۆپلەپ بېرىلمەكتە. چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر لاگېرغا قامالغان بىر ئەھۋالدا دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن جىددىي ھالدا خىتاي ئەمگەك كۈچى تولۇقلاۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.