«خىتايلاشتۇرۇش» سىياسىتى بۇندىن كېيىنكى «مىللەتلەر خىزمىتى» نىڭ ئاساسى بولماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-09-07
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى كىملىكى چۈشەنچىسىنى مۇستەھكەملەش» چاقىرىقى يېقىندا رەسمىي يوسۇندا «قىبلىنامە» باسقۇچىغا كۆتۈرۈلدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 7-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇنى رەسمىي مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە بۇنى ئاشكارا جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «مەركەز مىللىي ئىشلار خىزمىتى يىغىنى» نىڭ روھىنى ئۆگىنىش يىغىنىدا «شى جىنپىڭنىڭ مەركەز مىللىي ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلىگەن سۆزىنى ئەستە مەھكەم ساقلاش ھەمدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى كىملىكى چۈشەنچىسىنى يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىشلىرى خىزمىتىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىلىش، شۇ ئارقىلىق شىنجاڭدا ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش لازىم» دېگەن خۇلاسە چىقىرىلغان. شۇنداقلا ئېنىق قىلىپ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسى بەرپا قىلىش بۇندىن كېيىنكى مىللىي ئىشلار خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

تۈرلۈك ئۇچۇر مەنبەلىرى ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئىپادە قىلغۇچى بارلىق شەيئىلەرنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلغان ئىدى. ئەمدىلىكتە «خىتايلاشتۇرۇش» مەنىسىدىكى «جۇڭخۇا ئورتاق كىملىكى چۈشەنچىسى» نى مىللىي ئىشلار خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىش ھەققىدىكى چاقىرىق بۇنىڭ ئىجرا قىلىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. تېخى يېقىندا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ئادريان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ماقالە يېزىۋاتقان بىر قىسىم خىتاي «ئالىملىرى» نىڭ ئاشكارا ھالدا «ئۇيغۇرلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى نۆۋەتتىكى تېررورلۇق ھادىسىلىرىنىڭ بىر مۇھىم مەنبەسى. بۇنى تۈگىتىش ئۈچۈن بۇ جايلاردىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ سانىنى ئاشۇرۇش لازىم» دېگەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت