خىتاينىڭ شىنجېنغا ئەسكەر توپلاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئەندىشە قوزغاۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۇقىرىقى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى خىتاينى خوڭكوڭدا «تيەنئەنمىن ۋەقەسى» نى قايتا سادىر قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. پرېزىدېنت ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك باش مەسلىھەتچىسى جون بالتون خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى باھانە قىلىپ، نامايىشچىلارنى باستۇرۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
جون بالتون 15-ئاۋغۇست «ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى بەرگەن. ئۇ، خىتاينىڭ قەدىمىنى ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن بېسىشى كېرەكلىكى، چۈنكى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. جون بالتون بۇ سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شىنجېنغا ئەسكەر توپلىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەڭ تارقالغان بىر ۋاقىتتا قىلدى.
بۇنىڭ سەل ئالدىدا پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئەتراپىغا ئەسكەر توپلىغانلىقىغا دائىر ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. جون بالتون ئامېرىكا خەلقىنىڭ تيەنئەنمىن ۋەقەسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇلار قاتار تىزىلغان تانكىلارنىڭ ئالدىنى توسىغان ئادەمنىڭ رەسىمىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. . . . . . ئۇلار ئەركىنلىك ھەيكىلىنى، خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە تەلەپ قىلىش ساداسىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989-يىلدىكى باستۇرۇشىنى ئۇنتۇپ قالمىدى» دېگەن.
جون بالتوننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا تيەنئەنمىن ۋەقەسىدەك بىر ۋەقەنى پەيدا قىلىشى ناھايىتى چوڭ خاتالىق بولىدىكەن.» ئۇ، خىتاينىڭ بۇنداق بىر ھەرىكىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ شىددەتلىك ئىنكاسىنى قوزغايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «دۆلەت مەجلىسىدە كەيپىيات بەك جىددىي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقانداق خاتا قەدىمى دۆلەت مەجلىسىنىڭ پارتىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ» دېگەن. لېكىن، خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: خوڭكوڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلاشسا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقى، «بېيجىڭنىڭ قالايمىقانچىلىقنى تېز ئارىدا بېسىقتۇرۇشقا چارىسى ۋە كۈچى بارلىقى» نى بىلدۈرگەن.