خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 1-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان خوڭكوڭ مەسىلىسى ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋىزىسى توغرىسىدىكى قارارىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەننىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشى خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىشىغا مەجبۇر قىلغان ئىكەن. لېكىن ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى قانداق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ھەپتە خوڭكوڭغا قارىتىلغان «خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى ماقۇللىغان ئىدى.
پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى بۇ قانۇننىڭ خوڭكوڭ خەلقى ئۈچۈن بىر «تراگېدىيە» ئىكەنلىكى، بۇنىڭ خوڭكوڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا، ساياھەت، جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش جەھەتلەردىكى ئىمتىيازىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جاۋ لىجيەن 1-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكانىڭ قارارىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ قارار خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق. بۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى بۇزۇپ، ھەر ئىككى تەرەپكە زىيان سالىدۇ… ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالىدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەركىتى خىتاينىڭ كەسكىن قايتۇرما ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ،» دېگەن.
پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ «يامان غەرىزى» دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك ئازاب-ئوقۇبەت ۋە ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن شۇنداقلا خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن ئۇ خوڭكوڭغا ئالاقىدار قارارلىرىنى قاچان ئىجرا قىلىشقا باشلايدىغانلىقى ۋە كىملەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان ئىدى.