خوڭكوڭدا «كۈنلۈك ھەرىكىتى» نىڭ بىر ئايلىقى خاتىرىلەندى

خوڭكوڭلۇق ئوقۇغۇچىلار بۈگۈن خوڭكوڭ «كۈنلۈك ھەرىكىتى» نىڭ بىر ئايلىقىنى خاتىرىلىدى. سەيشەنبە كۈنى كېچىدە مىڭلىغان ئوقۇغۇچى مەركىزى نامايىش مەيدانىغا يىغىلىپ، كۈنلۈك ئېچىش ئارقىلىق، ھەرىكەتنىڭ بىر ئايلىقىنى خاتىرىلىدى.

بۇندىن بىر ئاي ئاۋۋال، خوڭكوڭ ساقچىلىرى تىنچ نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا كۈچ قوللىنىپ، ئۇلارنى كۆز ياشارتقۇچى بومبا ئارقىلىق تارقىتىشقا ئۇرۇنغاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىش ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچلىنىپ كەتكەن ئىدى.

بۈگۈنكى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا دېموكراتىك نامايىشنىڭ يېتەكچىلىرى يەنە ئۆزلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا كومپارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ، خوڭكوڭدا نامايىشلار باشلىغاندىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر ئېھتىماللىقنى تىلغا ئېلىشى ئىكەن. ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى يېتەكچىلىرىدىن ئالېكس چۇ بۈگۈن قىلغان سۆزىدە، ئەگەر خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيە تەلىپىنى بەجا كەلتۈرمىگەن تەقدىردە، خىتاي باش مىنىستىرى ئىلى كېچياڭ بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدىكى نامايىشنى قانۇنسىز دېيىشنى داۋام قىلدى. بۈگۈنمۇ خىتاي تەرەپتىن بېرىلگەن بىر باياناتتا، خوڭكوڭدىكى نامايىشلارنى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قۇترىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.