خوڭكوڭ رايون باشلىقى بېيجىڭدىن «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» قا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان
2016.06.21
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ رايون باشلىقى يېقىندا بېيجىڭ دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يوللاپ، خوڭكوڭلۇق بەش كىتاب سودىگىرىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتا سوراق قىلىنىشىنىڭ «بىر دۆلەتتە، ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» سىياسىتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە خوڭكوڭ پۇقرالىرىنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك تەلەپ قىلغان.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، خوڭكوڭ رايون باشلىقى لياڭ جېنيىڭ مەكتۇپتا ئوتتۇرىغا قويغان بۇ تەلىپىنى خوڭكوڭ مەجلىسىدىكى سۆزىدە تىلغا ئالغان.
1997-يىلى خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىكى ۋەدە بويىچە خوڭكوڭ ئاھالىلىرىنىڭ مەسىلىلىرى خوڭكوڭنىڭ يەرلىك ئاساسىي قانۇنىي بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. ئەمما خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى ھەققىدە كىتاب نەشر قىلغان 5 سودىگەرنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىشى ۋە ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىنماسلىقى خوڭكوڭلۇقلارنى ئەندىشىگە سالغان.
بىر تۈركۈم خوڭكوڭلۇقلار ئۆتكەن شەنبە كۈنى بۇ ھەقتە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، كاۋزىبەي كىتابخانىسىدىن بېيجىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان ۋە پىكىر ۋە نەشرىياتچىلىق ئەركىنلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلىغان.