خوڭكوڭ ساقچىلىرى مەيداندىن ئايرىلمىغان نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇردى

خوڭكوڭ ساقچىلىرى سەيشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خوڭكوڭ مەركىزى مەيدانىنى ئىگىلىۋالغان نامايىشچىلارنى مەيداننى بىكار قىلىشىنى ۋە 11-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى نامدايىشچىلار ئىگىلىۋالغان مەركىزى مەيدان ۋە ئاساسلىق كوچىلاردا ساقچىلارنىڭ تازىلاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرى باشلانغان خوڭكوڭدا دېموكراتىك سايلامنى تەلەپ قىلىش نامايىشى 9-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى 70-كۈنىگە قەدەم قويدى. گەرچە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە خوڭكوڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى خوڭكوڭ ئوقۇغۇچىلىرى باشلامچىلىق قىلغان دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنى قانۇنسىزلىق دەپ ئەيىبلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خوڭكوڭدا دېموكراتىك سايلام ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان خوڭكوڭلۇقلار ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ۋە خوڭكۇڭ پۇقرالىرىنىڭ دېموكراتىيە تەلىپىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىرماقتا.