خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۆت كادىر جازالاندى
2016.11.27
خوتەن ۋىلايىتىدە بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلار چىرىكلىك قىلمىشى تۈپەيلىدىن جازالاندى. تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ جازالاش خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە قارىتىلغان بولۇپ، جازالانغانلار ئىككى خىتاي كادىر ۋە ئىككى ئۇيغۇر كادىردىن تەركىپ تاپقان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ تۆت كىشىنىڭ ئىسمى ۋە قىلمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات تارقاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرى گۇما ناھىيىسى كۆكتېرەك يېزىسىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە كاتتىۋاشلىرى بولۇپ، كۆكتېرەك يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى سېكرىتارى ياڭ جۈنفېڭنىڭ قولغا كەلتۈرگەن پارىخورلۇق سوممىسى بەش مىليون 700 مىڭ سوم، كۆكتېرەك يېزا باشلىقى ۋە پارتكوم مۇئاۋىن سېكرىتارى ئەركىن ماخمۇتنىڭ پارىخورلۇققا مۇناسىۋەتلىك ئېرىشكەن سوممىسى بەش مىليون 500 مىڭ سوم بولغان. بۇلار گۇما ناھىيىسىدە قاتتىق يەر تەۋرەش ھادىسىسى يۈبەرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن پۇقرالارغا ئۆي سېلىپ بېرىش پىلانى بويىچە تەمىنلىگەن مالىيە چىقىملىرىنى قاقتى-سوقتى قىلغان ۋە بۇ جايدىكى پاختا ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەمىنلىگەن تولۇقلىما پۇللاردىن 460 مىڭ سومنى ئالداپ ئېلىۋالغان.
لېكىن، كۆكتېرەك يېزىسىدا جازالانغان يەنە بىر ئۇيغۇر كەنت رەھبىرى مەمەت مەخمۇتقا ياڭ جۈنفېڭ ۋە ئەركى ماخمۇتتىن پەرقلىق جىنايەت ئارتىلغان بولۇپ، مەمەت ماخمۇت: «بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتىكى ئىككى يۈزلۈك ئادەم، ئۇ زوراۋانلىق تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى قوللىغان، زوراۋان تېررورچى ئۇنسۇرلارغا يول قويۇپ كەڭچىللىك قىلغان» دەپ ئەيىبلەنگەن. دېمەك، ئۇنىڭ جازالىنىشى سىياسىي تۈس ئالغان.
ياڭ جۈنفېڭ ۋە ئەركىن ماخمۇت پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، مەمەت ماخمۇتمۇ پارتىيىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە بۇ ئۈچ كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
جازاغا ئۇچرىغانلار ئىچىدە گۇما ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى دوڭ چاڭبىنغا يېنىكرەك جازا بېرىلگەن.