خوتەن ھاۋاسى دۇنيانىڭ ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان جايلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان
2023.11.13
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قارا قۇرۇم تاغلىرى باغرىدىكى قەدىمىي خوتەن رايونى، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان جايلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان. ئەل جەزىرە قانىلىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن 2 ئاۋۋال ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈشتىن خوتەننىڭ دۇنيادىكى ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان 100 شەھەرنىڭ بىرسى بولۇپ چىققانلىقى مەلۇم بولغان. نۆۋەتتە، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ باغرىدىكى بۇ خىلۋەت قەدىمىي رايوننىڭ قانداق بولۇپ دۇنيادىكى ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان 100 شەھەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى سوئال پەيدا قىلماقتا. ئامېرىكا جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچى، پىروفېسسور جېيمىس مىلۋارد 12-نويابىر كۈنى تۋىتتېردا خوتەننىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ھالغا كېلىپ قالغانلىقىغا سوئال قويغان.
ئۇ، بۇنىڭغا «نۇرغۇن مەينەت سانائەتنىڭ (بۇ رايونغا) يۆتكەپ كېلىنىشى سەۋەب بولدىمۇ؟ ياكى ئىسسىقلىق ئۈچۈن يەنىلا خام كۆمۈر قالىنامدۇ؟ ۋە ياكى بۇ بىر مۇھىت ئايرىمىچىلىقى مەسىلىسىمۇ» دەپ سورىغان. خىتايدا چىقىدىغان «IQ» ناملىق ھاۋا كىلىمات تورىنىڭ يېقىندا بەرگەن خەۋىرىدىمۇ خوتەننىڭ نوپۇسى چوڭ شەھەرلەرنىڭكىدەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما «2022-يىللىق يەر شارى ھاۋا كىلىمات سۈپىتى دوكلاتى» دا ئۇنىڭ يەنىلا دۇنيادىكى ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغانلىقى قەيت قىلىنغان. يېقىنقى بىر يىل مابەينىدە مەزكۇر رايوننىڭ ھاۋاسىدا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما يېقىنقى 5-6 يىلدىن بېرى خوتەن خىتاينىڭ كەڭ كۆلەمدە سانائەت باغچىلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە تۇتۇش، مۇھىتقا زىيانلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغان.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئىلگىرى خوتەن سانائەت باغچىلىرىدىكى بەزى خىتاي كارخانىلىرىغا ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشى سەۋەبلىك ئېمبارگو يۈرگۈزگەنىدى. خوتەننىڭ ھاۋاسىنىڭ ئەزەلدىن توپا چاڭ تەركىبى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى 5-6 يىلدىن بېرى سانائەت باغچىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇشى، ئۇنىڭ ھاۋاسىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ھاۋاسى ئەڭ ئېغىر بۇلغانغان 100 شەھەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. «ئەل جەزىرە» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان 100 شەھەردىن 94 شەھەر ھىندىستان، خىتاي ۋە پاكىستاندا ئىكەن.