خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «رەقەملىك تاشيول» قۇرماقچى بولۇشى دىققەت قوزغىدى

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 2-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خۇاۋېي گۇرۇھى يېقىندا «14-بەش يىللىق پىلان» نىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇمىييۈزلۈك «ئەقلىي يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول» قۇرۇش ھەمدە قاتناش كەسپىنى «رەقەملىك باشقۇرۇش» قا ئايلاندۇرۇش ھەققىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يول، ئادەم، ماشىنا، مۇھىت» قاتارلىقلارنى رەقەملىك باشقۇرۇشقا يۈكسەلدۈرۈش ئارقىلىق بۇلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان تايىنىشچانلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرماقچى بولغان. خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ ۋەكىلى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، پۈتكۈل قاتناش سىستېمىسىنىڭ رەقەملىك ۋە «ئەقلىي يۇقۇرى سۈرئەت» كە ئىگە بولۇشىنى «شىنجاڭدا يۇقۇرى ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر بولغان قاتناش تورى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇاۋېي گۇرۇھىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى جاسۇسلۇق ھەركەتلىرىگە ھەمدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار قۇرۇلۇشىغا غايەت زور مەبلەغ ئاجراتقانلىقى ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان كۆزىتىش ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىشى «غەرەزلىك ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولغانلىق» دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «رەقەملەشكەن ئەقلىي تاشيول» قۇرۇلۇشى بەرپا قىلماقچى بولۇشى بىردەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولغان كونتروللۇق تەدبىرلىرىگە ماسلىشىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارالماقتا ئىكەن.