ئەنگلىيە خىتاينىڭ خۇاۋېي شېركىتىنى رەسمىي تەكشۈرۈشكە باشلىدى

ئەنگلىيە دائىرىلىرى ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر ئالاقە تورى ئۈسكۈنىلىرى ساتىدىغان خىتاي شىركىتى خۇاۋېي ئۈستىدىن رەسمىي تەكشۈرۈش باشلىدى. بۇ يىل 6-ئايدا ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇچۇر ۋە خەۋپسىزلىك ھەيئىتى ھۆكۈمەتكە دوكلات سۇنۇپ، ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن مۇھىم ئورگانلارنىڭ ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنى تەمىن قىلىۋاتقان خۇاۋېي شېركىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

خۇاۋېي شىركىتى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ پېنسىيىگە چىققان بىر ھەربىي ئىنژېنېرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ خىتاي دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى گۇمان قوزغاپ كەلگەن. ئامېرىكىدىكى خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ۋە دۆلەت مەجلىسى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىغا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدا خۇاۋېي شىركىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلغان ۋە بىر قىسىم چەكلىمىلەر قويۇلغان ئىدى. ئەمما خۇاۋېي شىركىتى بولسا ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى بۈگۈن ئەنگلىيەنىڭ قارارىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ قارارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇش ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، شىركىتىمىز بۇنى يېقىندىن قوللايدۇ» دېگەن.