خىتايدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى يانفون يۇمتالى قاتارلىق 9 خىل ئەپ چەكلەنگەن

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-04-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۈندىدار سالونى قانۇن سەھىپىسىدە 20- ئاپرېل تارقالغان بىر ئۇقتۇرۇشتا يانفون ئىشلەتكۈچىلەر ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى يانفون يۇمتالى قاتارلىق 9 خىل يانفون يۇمتالىنى ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرىلغان.

بۇنىڭدا ئىنتېرنېت توسۇقلىرىدىن مەخپىي ئۆتۈش قورالى VPN يەنى «مەۋھۇم خۇسۇسىي تور»، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى يانفون يۇمتاللىرى، فېيسبوك، تۋىتتىر قاتارلىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ يانفون ئەپلىرى ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغان.

VPN خىتاينىڭ تور توسۇقلىرىدىن ئۆتۈپ مەخپىي ئۇلىنىش بىلەن تەمىنلەيدىغان ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بولۇپ، بۇ مۇلازىمەت قوللىنىلسا ئىنتېرنېت خىتاي مۇلازىمېتىرلىرىدىن خۇپىيانە ھالقىپ ئۆتۈپ خىتايدا چەكلىگەن بارلىق تور بەتلىرىنى ئۇلىنىش بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ھەققىدە بېرىلگەن ئىزاھاتتا، «بۇ تور بەتتە جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە دەخلى قىلىدىغان ئەكسىيەتچىل مەزمۇنلار بار، بۇ دېتالنى ھەرگىز قاچىلىماڭ، ئەگەر سىز سېتىۋالغان نىمكەش تېلېفوندا ياكى باشقىلارنىڭ تېلېفونىدا بۇ خىل ئەپ ساقلانغان بولسا چوقۇم ج خ ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىڭ» دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇندىن بۇيان چەتئەل تاراتقۇلىرى ۋە خەلقئارادىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنى چەكلەشتىن باشقا، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنى ئاڭلىغۇچىلارنىمۇ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت