خىتاي شەخسى تېلېفونلارنى كىملىك بويىچە تىزىملاشنى ئومۇملاشتۇرماقچى

خىتاينىڭ «خەلق پوچتا-تېلېگراف گېزىتى» 23-ماي خەۋەر بېرىپ، خىتايدا ماقۇللانغان «تېررورلۇققا زەربە بېرىش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، بۇ يىل ئاخىرىغىچە 90% خىتاي ئاھالىسىنىڭ شەخسى تېلېفونىنى كىملىك بويىچە تىزىملاش خىزمىتىنى تاماملايدىغانلىقىنى، كېلەر يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن ئىلگىرى خىتايدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق تېلېفونلارنى كىملىك بويىچە تىزىملاشنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئۇچۇر-ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ تېلېفون، قىسقا ئۇچۇر، مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تېلېفون ئابونتلىرىغا كىملىك بويىچە تىزىملىتىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتايدا تېلېفونلارنى كىملىك بويىچە تىزىملاش ئىشى 2013-يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ خىل يۈزلىنىش، خىتاي پۇقرالىرىنى بىئارام قىلغان. بۇ ھەقتە ئىنكاس بىلدۈرگەن تورداشلار «تېلېفوننى كىملىك بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلسا، بارلىق شەخسى ئۇچۇرلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، پۇقرالاردا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ قالمايدىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرگەن.

رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۇاڭجۇلۇق يې دۇ ئەپەندى ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تېلېفون كىملىك تۈزۈمى پۇقرالارنىڭ نورمال ئالاقە پائالىيىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما كىشىلەردە پسىخىك جەھەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىشى مۇقەررەر» دېدى.