ياپونىيە مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى ھەربىينى كۈچەيتىشكە چاقىردى
2013.07.26
ياپونىيە ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى دۆلەت مۇداپىئە دوكلاتى ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشنى، خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكلاتتا، خىتاينىڭ ھەربىي ۋە دېڭىزدىكى ھەرىكىتى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاينىڭ ھەربىي يۆنىلىشى، خۇسۇسەن ئۇنىڭ بىپەرۋالىق بىلەن قىلغان ھەرىكەتلىرى ئويلىمىغان ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ياپونىيە ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى........دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپىدىكى مىللىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى بارغانچە يامانلاشماقتا» دەپ كۆرسەتكەن.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر ياپونىيە بۇ يولغا ماڭسا، بۇ ئۇنىڭ مۇداپىئە سىياسىتىدىكى زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. ياپونىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ھەربىي كۈچلىرىنىڭ چەتئەلدە ئۇرۇش قىلىشىنى چەكلەپ كەلگەن. لېكىن بۇ قېتىمقى دوكلاتتا، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىملىرىنى ۋە ئادەمسىز ھەربىي ئايروپىلانلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغان جۈمە كۈنى، خىتاينىڭ 4 دېڭىز قىرغىقىنى چارلاش پاراخوتى ياپونىيە دېڭىز چارلىغۇچى پاراخوتلىرى بىلەن سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ئۆز -ئارا سۈركىلىشكەن. بۇ خىتاي دېڭىز قىرغىقىنى چارلاش پاراخوتىنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيە چارلاش پاراخوتى بىلەن سۈركىلىش پەيدا قىلىشىدۇر.