ياپونىيەدىكى پارلامېنت سايلىمىدا ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە كۆپ ئورۇننى ئىگىلىدى


14 - دېكابىر كۈنى ياپونىيەدە پارلامېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. دەسلەپكى سايلام نەتىجىسىدە، ھازىر ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىشى جەزىملەشكەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سايلام خىتاينىڭ دۆلەت بويىچە 1937 - يلىدىكى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچلىقىنى خاتىرىلەپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تارىخىي ۋەقە ھەققىدە ياپونىيەنىڭ تارىخنى ئىنكار قىلىشىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن كۈنلەرگە توغرا كەلدى.

خەۋەر قىلىنىشىچە،. ئەركىن دېموكراتلار بىلەن كومېيتاڭ دەپ ئاتالغان پارتىيە بىرلىشىپ، پارلامېنتتىكى 475 ئورۇننىڭ 325 ئىنى ئىگىلىگەن.

پەرەز قىلىنىشىچە، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى رەھبىرى شىنزو ئابى يەنە باش ۋەزىر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

شىنزو ئابى مەزگىلىدە ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئاراللار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئەڭ سوغۇق ھالغا چۈشكەن ئىدى.