ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسىمى خىتاي رازۋېتكا ئايروپىلانىنىڭ ھەرىكىتىگە قارشى ھەرىكەت قوللاندى
2013.11.17
ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسىمى شەنبە كۈنى مەخسۇس كۈرەشچى ئايروپىلان ئەۋەتىپ، ياپونىيە دېڭىز تەۋەسىگە يېقىن جايلاردا ھەرىكەت قىلغان خىتاي ۋە رۇسىيە رازۋېتكا ئايروپلانلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرغان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، شەنبە كۈنى ياپونىيە قوغدىنىش قىسىمى خىتاينىڭ «تۇ - 154» تىپلىق رازۋېتكا ئايروپلانىنىنىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەسىگە يېقىن تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەرىكەت قىلغانلىقى، ئەمما خىتاي ئايروپىلانىنىڭ ياپونىيە تەۋەسىگە كىرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
يەكشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ «تۇ - 142» تىپلىق ئىككى دانە رازۋېتكا ئايروپىلانى ئوخشاشلا ياپونىيە دېڭىز تەۋەسىگە يېقىن تىنچ ئوكيان رايونىدا پەيدا بولغان.
ياپونىيە تەرەپ خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنى ئۆز زېمىنىگە كىردى دەپ ئەيىبلىمىگەن.
سېنكاكو ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرى كۈچەيگەندىن بۇيان ياپونىيە تەرەپ دائىم خىتاينىڭ پاراخوت ۋە ئايروپىلان ئەۋەتىپ، ياپونىيە تەۋەسىگە يېقىن جايلاردا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. خىتاي 11 - ئاينىڭ ئاخىرىدا تىنچ ئوكيان رايونىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ياپونىيىمۇ بۇنىڭغا جاۋابەن مانېۋىر ئېلىپ بارغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە رۇسىيە ۋە خىتاي ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرىنىڭ يېقىنقى ھەربىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان.