ياپونىيىنىڭ يېڭى مۇداپىئە مىنىستىرى خىتاي بىلەن بولغان تېررىتورىيە مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-08-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


فىرانسىيە ئا گېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيىنىڭ يېڭى تەيىنلەنگەن مۇداپىئە مىنىستىرى تامومى ئىنادا پەيشەنبە كۈنى ھەربىي قوشۇنلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىدە خىتاي بىلەن بولغان تېررىتورىيە مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن : «خىتاي، ياپونىيىنى قورشاپ تۇرىدىغان سۇ ۋە ھاۋا تېررىتورىيىسىدە بارغانسېرى ئاكتىپ ھالغا كېلىۋاتىدۇ. ئۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ قورال كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىمەكچى بولۇۋاتىدۇ.»

ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرى تامومى ئىنادا سۆزىدە يەنە، شىمالىي كورىيىنىڭ ئىغۋاگەرلىك ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ كۆپىيىپ، ياپونىيە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، تامومى ئىنادا چارشەنبە كۈنى ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې تەرىپىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. ئۇ ئىلگىرى 4 نۆۋەت پارلامېنت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ مىللەتچى كۆز قارىشى بىلەن تونۇلىدىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە قاتتىق قارشى تۇرىدىغان «ياسۇكۇنى ئۇرۇش قەھرىمانلىرى» قەبرىگاھىنىمۇ داۋاملىق يوقلاپ تۇرىدىغانلارنىڭ بىرى ئىكەن. چارشەنبە كۈنى بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن 15 - ئاۋغۇست كۈنى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قەبرىگاھنى زىيارەت قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، تامومى ئىنادا بۇنىڭغا نەق جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ «ئۇنى زىيارەت قىلىش ياكى قىلماسلىق - كۆڭۈل مەسىلىسى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت