تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىككى ئۇيغۇر پەرزەنتى تاراتقۇلارغا خىتاينىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» دىكى خورلاشنى ئاشكارىلىدى
2022.02.04
خەلقئارا تاراتقۇلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «ياتاقلىق مەكتەپلەر» نى قۇرۇپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئائىلىسىدىن ئايرىۋەتكەنلىكىنى كۆپلەپ خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، بىراق بىرەرى بۇ ئورۇنلاردىكى ئىچكى ئەھۋاللار توغرىسىدا شاھىتلىق بېرىپ باقمىغانىدى. لېكىن تۇنجى قېتىم بۇ «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دە تۇرغان تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىككى ئۇيغۇر پەرزەنتى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىغا بۇ ئورۇنلاردىكى ئۇيغۇر بالىلىرىغا قارىتىلغان روھىي، جىسمانىي خورلاشلارنى ئاشكارىلىدى.
ئامېرىكادىكى نۇپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ بىرى بولغان NPR يەنى دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى 3-فېۋرال كۈنى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» نىڭ كىچىك شاھىتى-ئايسۇ كۇچار ۋە لۇتپۇللا كۇچار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئېلان قىلدى. ئايسۇ بىلەن لۇتپۇللانىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار خىتاينىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلىرى» دە تۇرغان 20 ئايدەك ۋاقىتتا چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن. ئۇلار سىنىپ نازارەتچىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇلارنى دائىم ئۇرۇشى، قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويۇشى، شۇنداقلا جازالاش ئۈچۈن دائىم قىيىن ئەھۋالدا تۇرغۇزۇپ قويۇشىدەك خورلاشلىرىغا ئۇچرىغان. لۇتپۇللا بىلەن ئايسۇنىڭ دادىسى تۈركىيە گىراژدانى بولۇپ، ئانىسى كۇچاردا 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. ئۇلارنىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا تۈركىيەدىكى دادىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، لۇتپۇللا كۇچار 2018-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى «ياتاقلىق مەكتەپ» كە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا 4 ياشتا، ھەدىسى ئايسۇ تېخى 6 ياشتا ئىكەن. ئۇلارنى دادىسى 2019-يىلى 12-ئايدا تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەن. بۇ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر بالا شاھىتلىرىنىڭ «ياتاقلىق مەكتەپلەر» دىكى جىسمانىي ۋە روھىي خورلاشلارنى تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىدۇر. NPR خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئىككى پەرزەنتنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۇچرىغان روھىي جاراھىتى ئۇلارنىڭ جىسمانىي جاراھىتىدىن ئېغىر ئىكەن. خەۋەردە، لۇتپۇللانىڭ ئۈچتاش (سەندوڭبېي) دىكى بىر مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بۇ مەكتەپ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ئاز دېگەندە 1300 «ياتاقلىق مەكتەپ» نىڭ بىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.