ياۋروپا ئىتتىپاقى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشتا ئ‍ىختىلاپقا چۈشۈپ قالغان

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشتا ئ‍ىختىلاپقا چۈشۈپ قالغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشتا تېخى ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان. لېتۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گېبرېليۇس لەندىسبۇرگىس 13-دېكابىر فىرانسىيە بىلەن گوللاندىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئەھۋالدا، ئ‍ۆزىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ليۇكسېمبېرگ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ژان ئ‍اسسېلبورن ئىتتىپاقنىڭ «بۈگۈن ياكى بۇ ھەپتە ئىچىدە بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىشى ناتايىنلىقى» نى ئېيتقان. بىراق رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بۇ مەسىلىنى پەيشەنبە كۈنى مۇزاكىرە قىلىشنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزگەن بولۇپ، فىرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ياۋروپا ئىتىتپاقىنىڭ ئورتاق پوزىتسىيە تۇتۇشىنى قوللىغان. فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې دېرىيان ئ‍ۆتكەن ھەپتە فىرانسىيەنىڭ ئىتتىپاقتىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق پوزىتسىيەدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ پىكىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا باربوكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ئ‍وخشاش بىر ۋاقىتتا فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكرون، فىرانسىيەنىڭ قىسمەن بايقۇتقا قىزىقمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، «ئېنىقىنى ئېيتقاندا، ياكى سىز تولۇق بايقۇت قىلىپ تەنھەرىكەتچىلەرنىمۇ ئەۋەتمەيسىز ۋە ياكى پايدىلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىسىز» دېگەن.

رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتلار ئىتتىپاقتىكى خىتاينىڭ يېقىن دوستى بولغان ۋېنگىرىيەنىڭ دىپلوماتىك بايقۇتنى قوللىماسلىقى مۇمكىنلىكى، قالغان 26 دۆلەتنىڭ ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. بىراق غەربنىڭ ئاسىيادىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە قىشلىق ئولىمپىكنى بايقۇت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئۇنىڭغا پەقەت مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار ئەۋەتمەيدىكەن.