ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئىشتىراك قىلغان 4 نەپەر خىتاي ئەمەلدارى بىلەن بىر ئاپپاراتىنى جازالاشنى قاتار قىلغان. «ۋال ستېرېت ژۇرنىلى «گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جازالاش تەدبىرلىرى ساياھەت چەكلىمىسى، مال مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1989-يىلى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى «دىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«ۋال ستېرېت ژۇرنىلى «نىڭ قەيت قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىر ھەپتىدەك مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق 11-مارت ئاخىرقى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش توغرىسىدا ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلغان. خەۋەردە، ئېمبارگو تەدبىرلىرىنىڭ ساياھەت چەكلىمىسى، مال-مۈلكىنى توڭلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، بېلگىيە پارلامېنتىدىمۇ خىتاينىڭ ھەرىكىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق «دەپ ئېتىراپ قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلغان ئىدى.
نۆۋەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قايسى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئاپپاراتىنى جازالايدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. «ۋال ستېرېت ژۇرنىلى «نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قارار ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدا رەسمىي ئىمزالىنىشى كېرەك ئىكەن. خەۋەردە، ئېمبارگو تىزىملىكىدىكى شەخسلەرنىڭ ئىسمى ئېمبارگو قارارى رەسمىي ئىمزالانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.