ياۋروپا ئىتتىپاقى: «شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن تەييارلىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ»

ياۋروپا ئىتتىپاقى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ بۇ ھەپتە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى بۇ زىيارەتكە «ئېھتىيات بىلەن تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە، يەنى 21‏-مارت كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنى 27‏-مارتتىن 29‏-مارتقىچە ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ زىيارەت، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ياۋروپادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بىر مەزگىلگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە فرانسىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان شى جىنپىڭ زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى 26‏-مارت كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. بۇنىڭ ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، فىرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى، لاگېرلارنى تاقاپ، تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنىڭ باياناتچىسى دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ زىيارەت تەكلىپى ھەققىدە توختىلىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پرىنسىپ جەھەتتە زىيارەت تەكلىپىنى قارشى ئېلىش بىلەن بىللە بۇ خىل زىيارەتنىڭ ھەقىقىي يوسۇندا ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئېھتىيات بىلەن تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە؛ «بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرىمىز داۋام قىلماقتا، شۇنىڭ ئۈچۈن زىيارەت پىلانىمىز بۇ ھەپتە ئىشقا ئاشمايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى، بىزنىڭ كۈتكەن تەلەپلىرىمىز ھېسابقا ئېلىنغان كەلگۈسى زىيارەتكە داۋاملىق ئوچۇق مۇئامىلە تۇتىدۇ» دېگەن. لېكىن ئۇ قانداق تەلەپلەرنىڭ ھېسابقا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن.

ئۆتكەن يىلى 15 غەرب دۆلىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر ئىجابىي جاۋاب بەرمىگەن ئىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى زىيارەتنىڭ بۇ ھەپتە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتىن سەل ئاۋۋال ئامېرىكانىڭ بىر ئەمەلدارى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايونغا «ياسالما» زىيارەتلەرنى تەشكىللەپ، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.