ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى (The Council of EU) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن، يەنى 20-نويابىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازارلىرىدا سېتىلىشنى چەكلەيدىغان مەخسۇس قانۇن تەستىقلىغان. بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغان ۋە قانۇنسىز مەھسۇلاتلارنى سېتىپ پايدا ئېلىۋاتقان شىركەتلەرنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى ھەل قىلغۇچ قەدەم، دەپ قارالماقتا.
«مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» (FLR) دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلار ۋە زاپچاسلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدا قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي سېتىلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ قانۇن يەنە ھەر قايسى شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئېلان قىلغان بۇ باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «2022-يىلدىكى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر تەشكىلاتىنىڭ زامانىۋى قۇللۇققا بولغان مۆلچەرىچە، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا 17 مىليون 300 مىڭ ئادەم مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتىكەن. بۇ سان 2016-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا 8 پىرسەنت ئاشقان. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، 3 مىليون 900 مىڭ كىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تۈركمەنىستان ۋە شىمالى كورېيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتىكەن. شىركەتلەرنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن ئالغان پايدىسى ھەر يىلى 63 مىليارد 900 مىليون دوللاردىن ئاشىدىكەن».
ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى تەستىقلىغان بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى خىتايدىن ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.