ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى خىتاينى ئۆز كوزۇرىنى ئىشقا سېلىپ پۇتىننىڭ جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان
2022.03.25
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بېريۇسسېلدا توپلىنىپ، رۇسىيەگە يېڭى ئىمبارگو قويۇشنى مۇزاكىرىلىشىۋاتقاندا خىتايغا ئورتاق بىر سىگنال بەرگەن، يەنى خىتاينى ئۆز كوزۇرىنى ئىشقا سېلىپ پۇتىننىڭ جىنايىتىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
CNBC تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دراگى (Mario Draghi) مۇنداق دېگەن: «خىتاي ناھايىتى مۇھىم دۆلەت، ئۇلار تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، تەسىر كۈچى زور، شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتۈۋاتىمىز».
لاتۋىيە باش مىنسىتىرى ئارتۇرس كارىنىس (Arturs Karins) مۇنداق دېگەن: «خىتاينىڭ بىر تاللىشى بار، بۇ ناھايىتى ئاددىي تاللاش: سەن تەقدىرىڭنى رۇسىيەگە-ئۇكرائىناغا ئۇرۇش قوزغىغان، ئاياللار، بالىلار ۋە دوختۇرخانىلارنى پارتىلىتىۋاتقان بىر دۆلەتكە باغلايسەن ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقلىق ئامېرىكا ۋە غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە باغلايسەن».
ئۇنىڭدىن باشقا، فىنلاندىيە باش مىنىستىرى ساننا مارىن (Sanna Marin) خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇشتا رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق شېرىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇشتا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي مۇشۇ ۋاقىتقىچە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشىنى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى دەپ ئېتىراپ قىلماي كەلگەن بولۇپ، گۇناھنىڭ ھەممىسىنى «ناتونىڭ شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىشى» غا ئارتىپ قويغان. خىتاي يەنە رۇسىيەگە ئىقتىساد ۋە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم قىلماقچى بولغان. ئەمما خىتاي بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى بۇنى ئىنكار قىلغانىدى.