ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.06.23
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرائات ئورگىنى-ياۋروپا كومىسسىيىسى خىتايغا دىپلوماتىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ھەر قانداق دۆلەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ئەركىن قاتنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ياۋروپا كومىسسىيىسى خىتاينىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ «مەۋجۇت ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

بۇ ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە خىتايغا تۇنجى قېتىم دىپلوماتىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىشى. ئۇ بۇ دىپلوماتىك ئاگاھلاندۇرۇشنى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارىتا يېڭى ئىستراتېگىيە نىزامى» ناملىق ھۆججىتىدە ئوتتۇرىغا قويدى.

ھۆججەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «ياۋروپا ئىتتىپاقى جەنۇبىي دېڭىز ۋە ئۇنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىدە ئەركىن قاتناش ۋە ئۇچۇشنىڭ قوغدىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.» ياۋروپا كومىسسىيىسىنىڭ مەزكۇر ھۆججىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق خىتاي سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىراق مەزكۇر ھۆججەتنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت ماقۇللىشى كېرەك.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە بىتەرەپلىكنى ساقلايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. ئەمما ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىگە قارشى تۇرۇشقا ئۈندەپ كېلىۋاتقان ئىدى.

خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئاساسەن بارلىق قىسمىدا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئەتراپتىكى ۋىيېتنام، فىلىپپىن، ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.