ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتاينىڭ قەشقەردە ئادەمسىز ئۇچقۇ زاۋۇتى قۇرۇپ رۇسىيەنى تەمىنلىشىنى مۇزاكىرە قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.11.18

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى 18-نويابىر دۈشەنبە كۈنى بىريۇسسېلدا يىغىلىپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تەرەققىياتىنى، جۈملىدىن خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن قەشقەردە ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقات ئورنى ۋە زاۋۇتى قۇرۇپ رۇسىيە ئارمىيەسىنى تەمىنلىشى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

«ياۋروپا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىريۇسسېلغا توپلانغان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنى خىتاينىڭ رۇسىيەنى ئادەمسىز ئۇچقۇ بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېننىڭ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىشى، رۇسىيەنىڭ كۇرسىك رايونىغا 10 مىڭدەك شىمالىي كورېيە ئەسكىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلىرىنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان. نۆۋەتتە، يىغىننىڭ خىتايغا قانداق تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلغانلىقى مەلۇم بولمىسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار كومىسسارلىقى باياناتچىسى خىتاينىڭ ھەرىكىتىنىڭ ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە بەدەل بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

يۇقىرى دەرىجىلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى ئۆتكەن ھەپتە تاراتقۇلارغا خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە «ئىلغار تىپلىق ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» قۇرغانلىقىغا دائىر «ئىشەنچلىك» ھەم «قايىل قىلارلىق» دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

«رويتېرس ئاگېنتلىقى» بۇ يىل 9-ئايدا ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، «ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى» نىڭ «قەشقەر ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» غا جايلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «ياۋروپا خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا بېلگىيە، ئېستونىيە، رۇمىنىيە، گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى باشقا دۆلەتلەرنىڭ، جۈملىدىن ئىران، بېلورۇسىيە، شىمالىي كورېيە ۋە خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئويناۋاتقان رولىغا بولغان «جىددىي ئەندىشىلىرى» نى ئوتتۇرىغا قويغان.

گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋېلدىكامپ، «خىتاي بۇنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن، شۇنىڭدەك ئەگەر خىتاينىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇچىلىرىغا دائىر گۇمانلار ئىسپاتلانسا، ئېمبارگونىڭ بۇنىڭغا قارشى يۈرگۈزۈلىدىغان تەدبىرلەرنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، ، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى رۇسىيە قورال-ياراق پىروگراممىسى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىش دەرىجىسىنىڭ سالمىقىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.