ياۋروپا ئىتتىپاقىدا كۆچمەنلەر مەسىلىسى جىددىي مۇزاكىرە قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.10.25


يەكشەنبە كۈنى ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە بالقان دۆلەتلىرى باشلىقلىرى بىريۇسسېلغا جەم بولۇپ، مەخسۇس كۆچمەنلەر مەسىلىسى بويىچە جىددى يىغىن چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى مۇساپىرلار مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى.

چۈنكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋېنگرىيە ھۆكۈمىتى ئۆز چېگرىسىنى تاقاپ زور ساندىكى مۇساپىرلارنىڭ كرودىيە ۋە سلوۋېنىيە تەرەپكە يۈزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ۋەزىيەتنىڭ ئېغىرلىشىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. چۈنكى مىڭلىغان مۇساپىرلار سوغۇقتا، تالادا كېچە - كۈندۈزنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولماقتا.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى يۇنكېر يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىرىنى مۇساپىرلارنى قوشنا ئەللەرگە ئىتتىرىپ بەرمەسلىككە چاقىرغان.

ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى يۇنكېر 16 خىل تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغا بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى كېلىشىم بولماي تۇرۇپ مۇساپىرلارنى بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە ئەۋەتىمەسلىككە چاقىرغان. يۇنكېر نۆۋەتتىكى كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

. ئوتتۇرا ياۋروپا ۋە بالقان دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سۈرىيەدىن قاچقان مۇساپىرلار كرىزىسىغا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن ھەپتە گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركەل ئىستانبۇلدا تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان ۋە باش مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ بىلەن سۈرىيە مۇساپىرلار مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.