يەركەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن سېلىنغان «ئاراتاش سۇ تۈگۈنى قۇرۇلۇشى» ئىشقا كىرىشكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم سۇ مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان يەركەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى تىزگىنلەشنى مەقسەت قىلغان «ئاراتاش سۇ توسمىسى» رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

مەزكۇر سۇ توسما قۇرۇلۇشى 2015-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇ خىتاي دۆلەت كابىنېتى بىۋاسىتە بېكىتكەن ۋە خىتاي بويىچە 100 چوڭ قۇرۇلۇشنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن مۇھىم سۇ قۇرۇلۇشى ئىدى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، 19-نويابىر كۈنى يەركەن دەرياسى ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ھالدا سۇ ساقلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سۇ سىغىمى 2 مىليارد 249 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن.

يەركەن ئاراتاش سۇ توسمىسى قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 10 مىليارد 986 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئۇ قېيىنلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ۋە زور مەبلەغ سېلىنغان بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى خىتايدىكى تاراتقۇلاردا «شىنجاڭدىكى سەنشيا قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتالغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەركەن دەرياسى قاتارلىق كۆپ دەريا-ئېقىنلارنى ئېچىشقا ئوخشاش سۇغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «ئاراتاش سۇ ئامبىرى ئارقىلىق يەركەندىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، سۇ ۋە توك بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ»، دەپ تەشۋىق قىلغان. بىراق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋە يەركەن دەريا بويلىرىغا زور كۆلەمدە خىتاي كۆچمەن يۆتكەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا لاگېر تۈزۈمىنى يولغا قويۇش بىلەن ماس قەدەمدە سۇ قۇرۇلۇشلىرىغا زور مەبلەغ ئاجرىتىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، ئۇ يەنىمۇ كۆپ خىتاي ئاھالىسىنى يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ،» دەپ ئەسكەرتتى.

ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1289 كىلومېتىر كېلىدىغان يەركەن دەريا ئېقىنىدا نۆۋەتتە 4 مىليون ئەتراپىدا نوپۇس بار بولۇپ، بۇ سۇ قۇرۇلۇشىنىڭ تاماملىنىشى بىلەن بۇ نوپۇسنىڭ قانچە ھەسسە ئۆرلەيدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت