ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى تورىدىكى مەخسۇس خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 30 -كۈنى ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىدا ئېچىلغان بىر ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يەر شارى ئۇچۇر بوشلۇقى شەكىللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى» ھەققىدە مۇنازىرە بولغان.
بۇ مۇنازىرىگە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن مايك گاللاگېر ۋە راجا كرىشناموئورسى قاتارلىقلار قاتنىشىپ پىكىر بايان قىلغان. ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ دېموكراتىك سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا جامائەت پىكرىنى ئۆزگەرتىشكە بەكرەك كۈچەۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شۇنداقلا بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىن جون گارناۋۇت، خۇدسون ئىنستىتۇتىدىن دوكتور مىللېس يۈۋې، ئەركىنلىك سارىيىدىن ياكيۇ ۋاڭ خانىم يىغىنغا قاتنىشىپ گۇۋاھلىق بەرگەن.
يېقىندا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى «چەت ئەللىك تور چولپانلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات سىستېمىسىدىكى رولى» ناملىق بىر دوكلات ئېلان قىلغان. بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئاتالمىش تور چولپانلىرىنى ئۆزىنىڭ رەزىل تەشۋىقاتى ئۈچۈن قوللانغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىن جون گارناۋۇت «چەت ئەللىك تور چولپانلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات سىستېمىسىدىكى رولى» ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە گۇۋاھلىق بەرگەن.