ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست پولات تۆمۈر شىركىتى قارمىقىدىكى بىر زاۋۇتتا پارتلاش يۈز بېرىپ ئالتە ئادەم ئۆلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.11.12

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەنبەلىرىدە پارتلاشنىڭ، 1-ئاۋغۇست پولات-تۆمۈر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى مەرھابا شىمالىي 1-يولىدىكى تارماق زاۋۇتىنىڭ 1-سېخىدا 11-نويابىر كېچە سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاممونىي سۇيۇقلۇقىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى، نەق مەيداندا 5 ئادەم ئۆلۈپ، 7 ئادەم ئېغىر يارىلانغانلىقى، ئېغىر يارىلانغۇچى بىرەيلەننىڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىش يولىدا جان ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

ئۈرۈمچىدە 11-نويابىر كېچىدە يۈز بەرگەن پارتلاش يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە خىتايدا يۈز بەرگەن پارتلاشلار ئىچىدە ئادام ئۆلۈش ۋەقەسى كۆرۈلگەن يەنە بىر قېتىملىق چوڭ پارتلاش.

خىتاي دائىرىلىرى 28-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا يۈز بەرگەن 3 ئادەم ئۆلۈپ، 38 ئادەم يارىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن تيەنئەنمېنگە ھۇجۇم قىلىش پارتلاش ۋەقەسىنى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ بېكىتىپ، ۋەقەدىن كېيىن بېيجىڭ قاتارلىق خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان.

ئەمما 2-نويابىر سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت دەرۋازىسى قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن 8 قېتىملىق زەنجىرسىمان پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنىلا ئېلان قىلىپ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتمىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.