ئادريان زېنز: «خىتاي ھۆكۈمىتى بىر مىليون ئۇيغۇرنى ياساپ چىققان!»

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى نوپۇس ستاتىستىكىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ 2020-يىلى «ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 12.7 مىليون» دېگەن بايانلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ئادريان زېنز بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «خىتاي ھۆكۈمىتى يالغاندىن بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ سانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ياساپ چىققان» دېگەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە 15-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى چاتما ئۇچۇرلىرىدا بۇ يالغانچىلىقنى پاش قىلدى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى خىتايلارنىڭ نوپۇسى توققۇز مىليون بولغان، ئەمما بۇ سان 2020-يىلىغا كەلگەندە بىردىنلا 10.92 مىليونغا چىقىپ قالغان. شۇ يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 11.5 يېرىم مىليون بولغان. بۇ رايونغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن خىتايلاردىن بىر مىليوندىن ئارتۇقراق كىشىنىڭ نوپۇسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى غەرەزلىك ھالدا «ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى كۆپىيىشى» گە ئىسپات قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىغا قوشۇۋەتكەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ھازىر 12.7 مىليونغا يەتتى، دەپ تەشۋىق قىلغان.

ئادريان زېنز خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتلارنى سېلىشتۇرۇپ چىقىپ «2020-يىلى شىنجاڭ رايونى بويىچە ئىككى مىليون نوپۇس كۆپەيگەن. بۇ ئىككى مىليون نوپۇس پۈتۈنلەي خىتاي نوپۇسىدىكى كۆپىيىشتۇر» دەپ كۆرسەتتى.