خىتاي ياتاقداشلىرى تەرىپىدىن زەخىملەنگەن مەمەتجان ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇرلاندى

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ 15-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 3 ھەپتە ئىلگىرى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا 4 نەپەر خىتاي ياتاقدىشى تەرىپىدىن قاتتىق ئۇرۇلۇپ، بىر كۆزى ئېغىر زەخىملەنگەن مەمەتجان، ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەقەنى ئېنىقلاۋاتقان بېيجىڭ ۋەنشۇ ساقچىخانىسىدىكى خادىملار تەرىپىدىن قوش بېسىمغا ئۇچراپ، ئۇنى كوللېكتىپ ئۇرغان 4 نەپەر خىتاي ساۋاقدىشى ئۈستىدىن قىلغان ئەرزىنى قايتۇرۇۋېلىشقا زورلانماقتا ئىكەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24-ئاپرېل كۈنى خىتاي ياتاقداشلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان مەمەتجان يېقىندا دوختۇرخانىدىن چىققان. ئەمما ئۇنىڭ زەخىملەنگەن كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تېخى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلمىگەن. فاكۇلتېتنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىشىغا مەسئۇل كاتىپى مەمەت ئېلى ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن مەمەتجاننى ئۇرۇپ زەخىملەندۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىنى يوشۇرۇپ قويغان. ئۇندىن باشقا، مەمەتجانغا بېسىم ئىشلىتىپ، ساقچىلارغا ئەھۋالنى بايان قىلغاندا ئۇنى ئۇرغۇچىنىڭ پەقەت بىر ياتاقدىشى ئىكەنلىكىنى، قالغان 3 ياتاقدىشىنىڭ خەنزۇ ساۋاقدىشىغا بولۇشۇپ، جېدەلنى ئۇلغايتقانلىقىنى دېيىشكە مەجبۇرلىغان. ئۇ مەمەتجان ساقچىلارغا ئەھۋالنى بايان قىلغاندا نەق مەيداندا تۇرۇپ نازارەت قىلغان.

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى مەمەتجان بىر ياتاقتا ياتىدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ زەخىملەندۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان تور بېكەتلىرىدە بۇ ۋەقەگە نىسبەتەن نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپەيگەن. بولۇپمۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوقۇۋاتقان كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر ياتاقتا ياتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەردە نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلىقى چ چ، ئۈندىدار قاتارلىقلاردا بايان قىلىنماقتا.