جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇر رايونىدا «دىنىي ئاشقۇنلۇق كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك يۇمشىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.01.01


ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 31 - دېكابىر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش چاي زىيارىتىدە نۇتۇق سۆزلەپ، رايوندا ئۆتكەن يىلى دىنىي ئاشقۇنلۇق كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك يۇمشىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا ھۆكۈمەت بىلەن يەرلىك خەلقنىڭ توقۇنۇشى كۈچىيىپ، نۇرغۇن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى «دىنىي رادىكال كۈچلەرنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىرغان

ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى خىتاينىڭ قاتتىق قول سىياسىتى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادىغا چەكلىمە قويۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جاڭ چۈنشيەن يېڭى يىللىق چاي زىياپىتىدە قىلغان سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئالغان ھەر خىل قاتتىق قول تەدبىرلىرىنىڭ رايوندا دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2015 - يىلى «ئاكتىپ ھۇجۇم قىلىش، زەربە بېرىش بىلەن مۇداپىئەنى بىرلەشتۈرۈش، زوراۋان تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنى ئىزچىل ساقلاش، ھەر خىل تەدبىرلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈش نەتىجىسىدە ئومۇمىي ئىجتىمائىي ۋەزىيەت داۋاملىق مۇقىملىقنى ساقلىغان.»

ئەمما د ئۇ ق خىتاي ھۆكۈمىتىڭ ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى ئالغان تەدبىرى دىنىي ئەركىنلىك، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر رايوندا ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشى، ئاياللارنىڭ ھىجاب، جىلباپ كىيىپ، لېچەك تاقىشىنى چەكلىگەن. ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار، كادىرلار ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ روزا تۇتۇشى، ناماز ئوقۇشى، بالىلىرىغا دىنىي تەلىم تەربىيە بېرىشىنى مەنئى قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.