خىتاي دائىرىلىرى مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى يېغىنى» نى چاقىرىپ، مەزكۇر ساھەنىڭ ياردەملىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يىغىندا يەنە بىر نۇقتىنى تەكىتلەشنى يوشۇرۇپ قالالمىغان.
ئۇ بولسىمۇ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئىشچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە تەشكىللەش چاقىرىقىدىن ئىبارەت.
يىغىن 21 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بولۇپ، يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇ سۆزىدە ھەر مىللەت ئىشچىلىرى ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇيغۇر رايوندىكى ئىشچىلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىشقا تەشكىللىك يېتەكلەش دېگەندەك كونا گەپلەرنى بازارغا سالغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئاساسلىق قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت تېپىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە تەشكىللەش كېرەك.
يىغىندا يەنە خىتاي مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى چېڭ خۇا سۆز قىلغان.
«تەڭرىتاغ» تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، يىغىندا نۇر بەكرىگە سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلمىگەن.
خىتاي دائىرىلىرى 2009 - يىلدىكى ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن ئاتالمىش «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نى چاقىرىپ، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىنى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىغا تەكلىپ قىلغان.
شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي يەر ئىگىلەش، باغۋارانلارنى ۋەيران قىلىپ ئورنىغا ئاتالمىش سانائەت رايونلىرىنى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشى كۆلەملىشىشكە باشلىغان ئىدى.