خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر كوناشەھەردە باشلىغان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، قەشقەردە زور كۆلەملىك بىر داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىنىشى دىققەت قوزغىدى.
خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق داۋالاش مەركىزى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ زور كۆلەملىك قۇرۇلۇش 11-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغىساق بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇل سېلىش مۇراسىمى بىلەن باشلانغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلۇق داۋالاش مەركىزى» دەپ ئاتالغان بۇ قۇرۇلۇش يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى رايونى، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانا رايونى، ئۆپكە دوختۇرخانىسى ۋە خىزمەتچىلەر ئولتۇراق رايونىدىن ئىبارەت تۆت رايون بويىچە سېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ «جەنۇبتىكى تۆت ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىكتىكى كىشىلەرنىڭ داۋالاش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ۋىرۇس يۇقۇمى ھەققىدە گۇمانلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ھەقىقىي ۋەزىيىتىنى خەلقئارادىن قاتتىق يوشۇرۇۋاتقان بىر شارائىتتا بۇنداق داۋالاش مەركىزى قۇرۇشى دىققەت قوزغىدى.