زۇلھايات ئىسمائىل خىتاينىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئۇنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى يەنە ئاقلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.10.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاشتا ئاكتىپ رول ئېلىپ كېلىۋاتقان قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زۇلھايات ئىسمائىل، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 16-ئ‍ۆكتەبىر بېيجىڭدا باشلانغان 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدىدا خىتاي تاراتقۇلىرىغا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتىنى يەنە ئاقلىغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولماقتا» ئىكەن.

نۆۋەتتە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەكتەپ پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە ئۆستۈرۈلگەن زۇلھايات ئىسمائىل، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاپ، خىتاينىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى توسۇشتا ئاۋانگارتلىق رول ئويناۋاتقان شەخسلەردىن بىرى بولۇپ قالغان.

ئۇ بۇ ئاينىڭ باشلىرى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، يىغىن جەريانىدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۇنغان ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنىڭ رەت قىلىنىشى ئۈچۈن پائالىيەت قىلغان. خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زۇلھايات ئىسمائىل ئاخبارات يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «ئۆتكەن ئون يىلدا، شىنجاڭ رايونىنىڭ يىللىق ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىشى بىر ھەسسە ئاشتى.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى.» لېكىن ئۇ سۆزىدە لاگېرلار، مەجبۇرىي ئەمگەك، رايوندىكى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى، غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىگە دائىر مەسىلىلەرنى تىلغا ئالمىغان. بىراق ئۇ خىتاينىڭ «دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئىچكى قۇرۇقلۇق بولۇشتىن سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئالدىنقى سەپكە ئايلاندۇرغانلىقى»، ئۇنىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغدىكى مۇھىم ئەشيا ئوبوروت مەركىزى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەقسىملەش مەركىزىگە ئايلانغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 16-ئۆكتەبىر باشلانغان 20-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ دوكلات بېرىپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق پىلانىنى شەرھلىگەن. ئۇ، خىتاينىڭ قەتئىي ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، جەڭگىۋارلىقىنى نامايان قىلغانلىقى، ئۇنىڭ زامانىۋىلىشىشى ئىنسانىيەتكە تەرەققىيات مودېلى سۇنغانلىقى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئىلھام بېرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ تەيۋەن، خوڭكوڭ مەسىلىلىرىدىكى سىياسىتىنى شەرھلىگەن بولسىمۇ، ئەمما غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئەيىبلەنگەن ھالقىلىق مەسىلىلەردىن «شىنجاڭ سىياسىتى» نى تىلغا ئالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.