پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ھەم ئۇنىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ناملىق كىتابى (3 - )
2013.10.20
پەلسەپە دوكتورى ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ «دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرلىرى» ناملىق كىتابىدىكى «ئۇيغۇر ئىجتىمائىي - پەلسەپىۋى پىكرىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان 2 - پاراگرافىدا دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرى ماكانلاشقان زېمىنلارنىڭ ئۇلۇغ يىپەك يولىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتىدىكى رولى، دىنىي ئېتىقادلىرى، ئېغىز ئىجادىيىتى، كالېندارلىق ئەنئەنىلىرىدىن تاشقىرى يەنە كۆپ ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە مىللىي تېبابىتى ۋە يازما ئەدەبىياتى ھەققىدىمۇ باي مەلۇماتلار كەلتۈرۈلگەن.