پروفېسسور ئابلەت خوجايېف: خەن سۇلالىسىنىڭ «دۇخۇفۇ» سى ئەمەلىيەتتە ئەھۋال ئىگىلەش ۋە جاسۇسلۇق ئورنىدۇر
2024.02.22

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ تارىخى ئاق تاشلىق كىتابى» نى ئاساس قىلغان «شىنجاڭ تارىخى» غا ئائىت ھەر خىل ماتېرىياللىرىدا غەربىي ۋە شەرقىي خەن سۇلالىلىرىنىڭ شىنجاڭدا «غەربىي يۇرت دۇخۇفۇ» سى، يەنى يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىلىغا «قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بىر «باشقۇرۇش ئورگىنىنى قۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنى ھەربىي-مەمۇرىي جەھەتتىن ئىدارە قىلغان، شىنجاڭ ئەنە شۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 60-يىللاردىن باشلاپ، دۆلىتىمىز خەرىتىسىگە كىرگەن، شىنجاڭ قەدىمدىلا خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەنلەرنى تەرغىب قىلىدۇ.
غەربىي ۋە شەرقىي خەن سۇلالىلىرى قوشۇنلىرىنىڭ ھونلار بىلەن ئۇزۇن يىللار جەڭ قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنى تالاشقانلىقى، ھەتتا غەربىي خەن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ بۇ رايونلارغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنلىكى ھەتتا كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغانلىقى ۋە غەلىبە قىلغانلىقى خىتاي تارىخنامىلىرىدە قەيت قىلىنىدۇ. تارىخچىلىق ساھەسىدىن ھالقىغان ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپلا، «شىنجاڭ خىتاينىڭ بىرقىسمى بولۇپ كەلدى. 2 مىڭ يىلدىن بۇيان بىز بۇ يەرنى باشقۇرۇپ كەلگەن» دەپ بېكىتكەن. ۋەھالەنكى، خەن سۇلالىسى زادى ئۇيغۇرلار دىيارى، يەنى خىتاي ئۆزلىرى ئاتىۋالغان غەربىي يۇرتنى قانچىلىك ۋاقىت ئىدارە قىلالىدى؟ پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىنى تولۇق ئىدارە قىلالىدىمۇ؟ ئۇلار دەۋاتقان باشقۇرۇش ئورگىنى «دۇخۇفۇ» يەنى «قورۇقچى بەگ مەھكىمىسى» ھەقىقەتەن بولغانمۇ؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى تالاش-تارتىش ئۈستىدە بولۇپ، خىتاينىڭ سىياسىي تارىخىي تەرغىباتلىرى خەلقئارادا كۆپىنچە تارىخچىلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىشقا ئېرىشەلمىگەن.
خىتاي تارىخ نۇقتىئىنەزەرلىرىگە ئوخشىمايدىغان كۆز قاراشتىكى تارىخشۇناسلارنىڭ بىرى ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ يېتەكچى ئالىمى، تارىخ پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور، 60 يىللىق ۋاقتىنى خىتاي مەنبەلىرى بويىچە تارىخ تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ئابلەت خوجايېف ئەپەندىدۇر. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان «دۇخۇفۇ» ۋە دۇخۇ ھەققىدىكى ئۆز چۈشەنچىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەدىمكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ۋە بىر مەزگىل باسقانلىقى، ئەمما بۇ بېسىشنىڭ ئۇزۇنغا بارمىغانلىقى، ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە تارىخچىلىرى دەۋاتقان «دۇخۇ مەھكىمىسى» ئارقىلىق «شىنجاڭنى ئىدارە قىلغانلىقى» نىڭ تارىخىي ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتايچە سۆز «دۇخۇ» ۋە دۇخۇفۇ» دېگەنلەرنى تەھلىل قىلغاندا بۇ مەمۇرىي ۋە ھەربىي باشقۇرۇش ئورگىنى ئۇقۇمى بەرمەيدۇ. تەسىس قىلىنغان «دۇخۇ» لار ئەمەلىيەتتە «غەربىي يۇرت» نىڭ مىللەتلەر ئارا مۇناسىۋىتى، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلىرى، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە باشقىلار ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۇچۇر توپلايدىغان، يەنى جاسۇسلۇق قىلىدىغان ھەم ھازىرقى تىل بويىچە ئالغاندا بەلكى كونسۇللۇق ۋەزىپىسىنىمۇ ئاتقۇرىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلار توپلىغان ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئوردىسىغا يوللاپ تۇرغان.
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ