چار رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 19 - 20 - ئەسىرلەردە ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014.12.28
2014.12.28
19 - 20 - ئەسىرلەردە دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئۇيغۇر دىيارىغا كۆڭۈل بۆلگەن. بۇ دۆلەتلەر چار رۇسىيە، مانجۇ ئىمپېريەسى، ئەڭىلىيە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيەنىڭ تەسىرى ناھايىتى زور بولغان. تۈركىيە خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە، چار رۇسىيە خىتاينىڭ بۇ زېمىننى ئىگىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. ھەتتا خىتايغا قورال - ياراق ياردەم قىلدى ئۇ، سۆھبىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا رۇس ئارخىپلىرىنىڭ 19 - 20 - ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئىكەنلىكى، ۋە بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات ئۈچۈنمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىتىمىز.