0:00 / 0:00
بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 1944 - 1949 - يىللىرىدىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق دۆلەت ئەربابى ئەخمەتجان قاسىمى تەۋەللۇدىغا 100 يىل توشىدۇ.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھايات مۇساپىلىرى ھەققىدە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر سىياسىيونى ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجمابەردى كۆپ ئىزدەنگەن بولۇپ، يېقىندا ئۇ بۇ ھەقتە بىر پارچە ماقالە يازغان ئىدى.
ئالمۇتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئويغان قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.