ئەخمەت ئىگەمبەردى: مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى(10): تۈرمە ھاياتىم
2023.03.23
ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان 86 ياشلىق پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئۆزى شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرىنىڭ مۇھىم قىسمى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ 1969-1979-يىللىرى ئارىسىدىكى 10 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
ئەخمەت ئىگەمبەردىنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 1968-1970-يىللىرى ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى نامىدىكى بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە كەڭ كۆلەمدە مىللىي ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلانغان بولۇپ، سوۋېت-خىتاي رەقىبلىك دەۋرىدىكى بۇ ھەرىكەت ئاخىرىدا كومپارتىيە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ زور ساندىكى ئۇيغۇرلار تۈرمىلەرگە تاشلانغان. بىر قىسىم باشلامچىلار ئۆلتۈرۈلگەن، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا قېچىپ كەتكەن. ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىمۇ ئەنە شۇ جەرياندا قولغا ئېلىنىپ زور ساندىكى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى بىلەن ئېغىر تۈرمە جازا مۇددەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن.
ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى غۇلجىدا قولغا ئېلىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنىپ، سايباغدىكى جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى تۈرمىسىگە سولانغان. ئەنە شۇ جايدا ئۇزۇن يىللىق تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن.
گەرچە بۇنىڭغا 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۈرمىدە تارتقان ئازابلىرى، قەلب يارىلىرى، جىسمانىي جازا يارىلىرى ھازىرغىچە ئۇنى ئازابلىماقتا.
پروگراممىنىڭ تەپسىلاتنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.