ئەخمەت ئىگەمبەردى: «مەن شاھىت بولغان ئۇيغۇر قىسمەتلىرى» ( 1)
2022.09.22
1950-يىللاردىكى ئۇيغۇرلاردىكى مىللىي روھ ۋە مىللىي گۈللىنىش ھەرىكەتلىرى
ئاۋسترالىيەدە ياشايدىغان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئاتاقلىق شائىر، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىر ۋە ھەتتا 21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى سىياسىي ھاياتىنىڭ شاھىتى ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندى ئۆز كەچمىش كىتابىنى «ھايات مەنزىللىرى» نامىدا ئىستانبۇلدا نەشر قىلدۇرغانىدى. ئەمما، 1936-يىلى جىمىساردا تۇغۇلۇپ، بالىلىق، ياشلىق ھاياتىنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇش، خىزمەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋە تاشكەنتتە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن، ئون نەچچە يىل خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان، 1980-يىللاردىن ئېتىبارەن مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلىغان ئەخمەت ئىگەمبەردى ئەپەندىنىڭ بىۋاسىتە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، كۆرگەن، ئاڭلىغان، ئوقۇغان-بىلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر خىل سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت قىسمەتلىرىنى ئۇنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلاش ئۆزگىچىدۇر.
«تارىخ ۋە بۈگۈن» سەھىپىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى قىسمىدا ئۇ ئۆز بايانلىرىنى 1950-يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، مىللىي ۋە مەدەنىي ئويغىنىشلىرى ۋە ئىدىيەۋى پىكىرلىرىگە بېغىشلىدى.
سۆھبەتنى يۇقۇردىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن تولۇق ئاڭلاڭ.