ئىلشات ھەسەن؛ خىتاينىڭ مەقسىتى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش
2019.06.13
يېقىندا خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «نۇر» گېزىتى ۋە «تەڭرى تاغ تورى» بىردىنلا 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى ئەخمەتجان قاسىمىنى مەخسۇس خاتىرىلەپ ماقالە ئېلان قىلدى.
ماقالىغا «ئەخمەتجان قاسىمى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان» دەپ ماۋزۇ قويۇلۇش بىلەن بىرگە بۇنىڭغا قايتىدىن خىتاي كوممۇنىست رەھبىرى ماۋ زېدوڭنىڭ 1949-يىلى، 11-ئايدا بەرگەن: «ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق بەش يولداش ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئىشلىرى يولىدا قۇربان بولدى، بۇ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ مەڭگۈ خاتىرىلىشىگە ئەرزىيدۇ» دېگەن باھاسى باش ئىلاۋە قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ئارقىدىن يەنە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى باش قوماندانى گېنېرال ئىسھاقبېك مۇنونوفنى خاتىرىلەپمۇ مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئەخمەتجان قاتارلىقلار بىلەن بىرگە يېڭى-جۇڭگو، يەنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش يولىدا قۇربان بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
بۇ، خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ 1944-يىلى، 11-ئايدا غۇلجىدا قۇرۇلغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارغا بېرىپ كېلىۋاتقان ئىزچىل باھاسى بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ شىنجاڭنى تىنچ يول بىلەن ئازاد قىلغانلىقى، ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ «يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقى» ۋە ئاخىرىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. بىراق، بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خىتاي مەركىزى مەتبۇئاتلىرى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نۇر گېزىتى قاتارلىقلار مۇنداق مەخسۇس ئەخمەتجان قاسىمىنى قايتا خاتىرىلەپ ماقالە ئېلان قىلىپ باقمىغانىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر سىياسىي تارىخىي مەسىلىلىرى بويىچە ئانالىزچى ئىلشات ھەسەننىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقىدەك ئۇيغۇر مەسىلىسى، بولۇپمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقىلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان «تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرلارغا سولاپ، تەقىبلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، دىنى ئېتىقادى ۋە مىللىي كىملىكىگە ئېغىر زەربە بېرىۋاتقان شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىردىنلا ئۇيغۇر مۇستەقىللىق كۈرەش تارىخىدىكى رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان ۋە كۈرەش قىلغان دەپ تەشۋىقات قىلىشى ئېنىق پىلانلىق ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، ھازىر غەرب ئالىملىرى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ 19-ئەسىردە مانجۇ-چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 1949-يىلى، بۇ زېمىننى ئىشغال قىلغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلار كۈچەيمەكتە.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، 20-ئەسىردىكى ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، بولۇپمۇ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇيغۇرلار قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلغان. بۇ ئۆزى بىر مۇستەقىل ھۆكۈمەت بولۇپ، ئەلىخان تۆرە ۋە كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە شۇ ئىنقىلابنىڭ رەھبەرلىرىدۇر. ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرمەت قىلغان، قەدىرلىگەن رەھبىرى، مىللىي قەھرىمانىدۇر.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى «ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان مىللىي سىياسىي تارىخى» ماۋزۇلۇق كىتابنىڭ ئاپتورى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ قارىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى ھەرگىزمۇ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى دېگەندەك خىتاينىڭ بىرلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئەمەس، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. خىتاينىڭ ئۇنى مۇنداق مەدھىيەلىشى، بۇ زېمىننى بىز بېسىۋالمىدۇق، بۇ جاي خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىدى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار رەھبەرلىك قىلغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب «جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دېگەننى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تاپقان باھانىدۇر.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى، مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېر جەڭچىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن داھىيدۇر. 1991-يىلىدىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا ئۆتكەن داھىيسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ سۈرەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، سودىگەرلىرى، تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىغا ئېسىلغانىدى.
1990-2000-يىللاردا، 1944-1949-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرىدىن يۈسۈپ بەك مۇخلىسى رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق فرونتى، ھاشىر ۋاھىدىي، سابىت ئابدۇراخمان رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆز داھىيسى سۈپىتىدە يۈكسەك ھۆرمەت قىلغان ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى 1944-يىلى، غۇلجا ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» گېزىتىدە ئىشلىگەن، كېيىن ھۆكۈمەت مۇئاۋىن كاتىپى، ھەربىي ئىشلار نازىرى، ھۆكۈمەت ئەزاسى، خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋەكىلى، 1946-1947-يىلى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە مۇئاۋىن رەئىس بولغان ۋە غۇلجىغا قايتىپ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان. خىتاي تەرەپ، 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 27-كۈنى ئەخمەتجان قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ بېيجىڭغا سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا مېڭىپ، ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقىنى جاكارلاپ كەلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنىڭغا مۇتلەق ئىشەنمىگەن، ئەكسىچە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى دەپ قارىغان.
ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى مىللىي قەھرىمان ۋە داھىي بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق، مۇستەقىللىق يولىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن، خىتاينىڭ ئۇنى «يېڭى جۇڭگو قۇرۇش يولىدا ئۆلگەن»، «ئىنقىلابى قۇربان» دەپ باھالىشى پۈتۈنلەي غەرەزلىك ۋە ئۇنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشتۇر.
گەرچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 70 يىلدىن بۇيان ئەخمەتجان قاسىمىنى «ئىنقىلاب قۇربان»، «ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلغان» دەپ باھالاپ كەلسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغان خەلق، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆز رەھبىرى، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەم بۇ كۈرەشلەرگە رەھبەرلىك قىلغان دەپ قاراپ، خىتاي تەشۋىقاتىغا بويسۇنمىدى.