مەشھۇر تارىخچى ۋە تۈركولوگ گۇمۇلىيېۋ ئەنقەرەدە خاتىرلەندى

داڭلىق رۇس تۈركولوگ، تارىخچى ۋە شائىر لېۋ گۇمۇلىيېۋنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 100 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «گۇمۇلىيېۋ ۋە ئۇنىڭ تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى مىراسى» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى.

0:00 / 0:00


21 - دېكابىر كۈنى ئەنقەرە رىكسوس مېھماخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خەلقئارا يىغىنغا رۇسيە فېدېراتسىيىسى، قازاقىستان ۋە تۈركىيىدىن بولۇپ 15 تارىخچى ۋە تۈركولوگ قاتناشتى. يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى مۇدىرى پروف. در. مەمەت مەتىن ھۈلاگۈ ئەپەندى، قازاقىستان لېۋ گۇمىلىيېۋ ياۋرو - ئاسىيا ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرى پروف. در. ئەرلان سىدىقوۋ ۋە خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى دۈسەن كاسېينوۋ ئەپەندىلەر قىلدى. بىر كۈن داۋاملاشقان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا 15 تۈركولوگ ۋە تارىخچى، لېۋ گۇمۇلىيېۋنىڭ ھاياتى، تارىخ تەتقىقاتىدىكى ئورنى ۋە گۇمۇلىيېۋنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

گۇمىلېۋ ئۆز ھاياتىدا «قەدىمكى تۈركلەر»، «ھونلار»، «كاسپىي بويىنىڭ 3 مىڭ يىللىقى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان ھەمدە «ياۋرو - ئاسىيا ئىدىيىسى»نى مەيدانغا چىقارغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىمۇ مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ،. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسەت جەھەتتىكى تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن رۇس ئالىمى ئىدى.

تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئەركىن تارىم تەييارلىغان مەخسۇس پروگراممىمىزنى ئاڭلاڭلار