غۇلجا قورغاس مازار يېزىسىنىڭ تارىخىدىن

مەلۇمكى، بۇنىڭدىن ئەللىك يىلدىن سەل كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە يېزىلىرىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار شۇ ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىگە كۆچۈپ چىققان ئىدى.

0:00 / 0:00


شۇ جۈملىدىن غۇلجا تەۋەسىگە قاراشلىق قورغاسنىڭ چوڭ ۋە كىچىك مازار دىگەن يېزىلىرىدىنمۇ خېلى كۆپ ساندا ئاھالە كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا ۋىلىيىتىگە كېلىپ ئورۇنلاشقان.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قازاقىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئىلگىرى ياشىغان ۋە ھەم كېيىن كۆچۈپ چىققان يېزىلار ھەم ئۇ يەرلەردىن يېتىلىپ چىققان شەخسلەرنىڭ تارىخى ۋە ئۆمۈر بايانى ھەققىدە كىتابلارنى يورۇققا چىقىرىشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇرغان. يۇقىرىدا ئاتالغان قورغاس مازار ھەققىدىكى كىتاب ئۆتكەنكى يىلى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر قاتار تارىخىي پاكىتلار، شۇنداقلا يېتىلىپ چىققان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قىسقىچە ئۆمۈر بايانى ۋە شېئىرىي ئەسەرلەر ئورۇن ئالغان.

«قورغاس مازار» كىتابىنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى تۇرسۇنمەھەممەت يۈسۈپوف رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز يۇرتىنىڭ تارىخى ھەققىدە توختالدى.